تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر لاگېرىدىن قاچقان 2 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-12-01

تايلاندنىڭ تاك ئۆلكىسىنىڭ بىرماغا چېگراداش مېسود رايونىدىكى كۆچمەنلەر مەركىزىدە قاماقلىق 41 ياشلىق مۇرات، 29 ياشلىق راشىد ئاسىم ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ 14-ئۆكتەبىر كۆچمەنلەر مەركىزىدىن قاچقانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئىلگىرى تايلاند دائىرىلىرى بۇ ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن رايوندا كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش باشلىغان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە قايتا ئۇچۇر يوق.

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئاخباراتلارغا بىلدۈرگەنلىرىدىن، مۇرات بىلەن راشىدنىڭ بۇ 2-قېتىم مۇساپىرلار لاگېرىدىن قېچىشى ئىكەنلىكى، بۇرۇن ئۇلارنىڭ لائوس چېگراسىدىكى نوڭكاي كۆچمەنلەر مەركىزىگە قامالغانلىقى، 1-قېتىم ئۇلارنىڭ شۇ يەردىن قېچىپ 21 كۈندىن كېيىن تۇتۇلۇپ قالغانلىقىدەك ئۇچۇرلار مەلۇم. مۇرات بىلەن راشىد 2-قېتىم مېسود كۆچمەنلەر مەركىزىگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن يەنە قاچقان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قارمىقىدىكى «بېنار خەۋەرلىرى» لىرى مۇخبىرىغا ئىلگىرى تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند كۆچمەنلەر مەركىزىدىن قاچقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ياكى بىرماغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. چۈنكى قاچقۇنلارنى تۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بىر مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى قاچقۇنلارنىڭ بىرماغا ئۆتۈپ كېتىشنى پىلانلىغانلىقى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىكەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرمانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، بىرمادا تۇتۇلۇپ قالسا خىتايغا تېخىمۇ ئاسان ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ ھازىرغا قەدەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ مەلۇم بولماسلىقى تايلاندتىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىماقتا.

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ۋە بىخەتەر بىر جايغا يۆتكىلىشى ئۈچۈن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ خادىملىرىدىن زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم، ھازىرغا قەدەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالالماي كېلىۋاتقانلىقىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىككى ئۇيغۇر شۇنداقلا تايلاندتا ھازىرغىچە مەسىلىسى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. زۇبەيرە خانىم بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاب قىلىپ قىلىپ: «تايلاندتىكى بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بەك ئۇزۇن سوزۇلۇپ كەتتى، ئۇلار ناچار شارائىت ۋە ئۈمىدسىزلىك، خىتايغا قايتۇرۇلۇۋېتىشتىن ئەندىشە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئەمما ئۇلار مۇساپىرلار لاگېرىدىن قاچقان تەقدىردىمۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قانداق جايدا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس. شۇڭا خەلقئارا جامائەت بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ھازىرقىدەك ۋاقىتتا بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك ئىنسانىي بۇرچى بار» دېدى.

تايلاندتىكى كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلمەكتە. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم، بۇ ھەقتە رادىيومىزغا مەخسۇس بايانات بېرىپ، تايلاند دائىرىلىرىنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق ھوقۇقلىرىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئەرنىڭ مېسود رايونىدىكى كۆچمەنلەر مەركىزىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەردارمىز. بۇ ۋەقە سەۋەبلىك تايلاند مۇساپىرلار مەركىزى مەسئۇلىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپتۇق. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە تۇتۇلۇپ قالمىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. تايلاندتا مۇساپىر لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنسانلىققا خىلاپ تولىمۇ ناچار شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم، بۇلار قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ۋەزىيەتتە. تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق قانۇنلارغا رىئايە قىلغان ئاساستا بۇ ئۇيغۇرلارغا دەرھال مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشى ياكى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك».

بۇنىڭ ئالدىدا، تايلاندنىڭ مۇكداخان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن 7 نەپەر ئۇيغۇر بۇ يىل 1-ئايدا قېچىپ ۋە 3 كۈندە تۇتۇلۇپ ياندۇرۇپ كېلىنگەنىدى. تايلاند دائىرىلىرى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇلار ئۈستىدىن سوت ئېچىپ تۈرمىنى بۇزۇپ قېچىش جىنايىتى بىلەن ئىككى يىللىقتىن تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى قاماقخانىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە ئۇلارنى جىددىي تارقاقلاشتۇرغانلىقى مەلۇم.

تايلاند مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ھازىرمۇ قامىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى 2014-2015-يىللىرى تايلاند ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە كېتىش سەپىرىدە تۇتۇلۇپ قالغان. يىللاردىن بۇيان ئۇلارنىڭ تايلاندتىكى ئوخشىمىغان مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردا ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقى ۋە يەنە بەزىلىرىنىڭ چوڭقۇر روھىي ئازابلار سەۋەبلىك پسىخولوگىيەلىك توسالغۇلارغىمۇ ئۇچراپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناچار تۈرمە شارائىتلىرىدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزتىراپ چېكىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتى سەۋەبلىك قېچىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ قېچىشنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتكە قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2015-يىلى 8-ئىيۇل كۈنى تايلاند دائىرىلىرى خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، 109 نەپەر ئۇيغۇرنى باشلىرىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن، قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا باڭكوك ھەربىي ئايرودرومى ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنىدى.

بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاندنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى تۈرمە ۋە مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ھالدا، تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tayland-uyghur-11302020204421.html

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *